خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەر-ئاياللارنىڭ نەچچە رەت تىزىلىپ، بىر كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەجبۇرىي ھالدا كومپارتىيەنى، خىتاينى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر سىنىپتا مەجبۇرىي خىتايچە ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر سىنلارنىڭ ھەممىسى كەچ ۋاقتى تارتىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ئىسكەنجىگە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، نەچچە مىليون خەلقنى بىگۇناھ ھالەتتە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرلارغا قامالغان سەبىي بالىلار بولسا خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىتىگە ئاساسەن «پەرىشتىلەر ئۆيى» دەپ ئىسمى بېرىلگەن بالىلار جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي خىتاي مائارىپى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان ئاددىي پۇقرالارمۇ خىتاينىڭ تۈرلۈك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەردە ياشىماقتا.


https://www.facebook.com/100034398679054/posts/366202117869741/?extid=0&d=n

بۇ خەۋەر 2871 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2020 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق