پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە نامايىشلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ۋاشىنگتوندا زور كۆلەملىك نامايىش ۋە ئۆزگىچە بولغان پائالىيەت ئارقىلىق كۈتۈۋالدى.

1-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشقا ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشتا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى قىلغان بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 71 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، سەۋەبسىز لاگېرلارغا قاماش، سۈرگۈن قىلىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى، جاسارەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرغىچە باش ئەگمەي، قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈردى.
بۇلاردىن سىرت ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئىككىلا نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت بىر قىسىم تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خوڭكوڭلۇقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، پارلامېنت رەھبەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بىرقىسىم تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە موڭغۇللارمۇ قاتناشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر پۈتۈن دۇنيادىكى 103 دۆلەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 40 نەچچە دۆلەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن.

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 8188 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2020 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق