ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

1-ئۆكتەبىر قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى يىغىن تەشكىللىگەن.

يىغىنغا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېتەكچىلىرى، پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە زىيالىيلار ئىشتىراك قىلغان.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىندا قەھرىمان غۇجامبەردى ئەپەندى «ماتەم كۈنى» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 71 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، سەۋەبسىز لاگېرلارغا قاماش، باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى، جاسارەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرغىچە باش ئەگمەي، قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرغان. قەھرىمان غۇجامبەردى ئەپەندى سۆزلەپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن قازاقىستان ساقچىلىرى زالغا بېسىم كىرىپ، «ۋىرۇس مەزگىلىدە بىر يەرگە يىغىلىپسىلەر» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن.

يىغىلىشتا خىتاي تۈرمىسىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن داڭلىق يازغۇچى چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنغان كىتابى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ھەدىيە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەت رەھبەرلىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت بىر قاتار سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ نامايىشقا رۇخسەت قىلمىغان. جەمئىيەت ئاخىرى ئۇيغۇر جامائىتىنى يىغىنغا تەشكىللىگەن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 7535 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2020 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق