قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر جالال ئاباتقا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

قىرغىزىستاننىڭ جالال ئابات ئوبلاستى، قوش ئوبلاس، قەشقەر قىشلاق، بازار قورغان، ئۆزگەن شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مەشرەپ ئەھلى جالال ئاباتقا يىغىلغان.

يىغىلىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ بېىسۋالغانلىقى، شۇندىن بۇيان خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكى، بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز قاماپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشقا باشلىغانلىقى ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا ئېرىشىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 7639 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2020 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق