ئابدۇرېھىم غېنىغا خىتايدىن جاۋاب كەلدى

گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 29-سېنتەبىر ئابدۇرېھىم غېنى ئائىلىسى توغرۇلۇق بىر خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغان.

بىر يىل ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا خىتايدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلغان بولۇپ، 29-سېنتەبىر بۇ ھەقتە جاۋاب خەت كەلگەن.

خەتتە ئاشكارىلىنىشىچە، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىر قىسىم تۇغقانلىرى كەم دېگەندە ئۈچ يىلدىن 16 يىلغىچە كېسىۋېتىلگەن. خىتاي كۆرسەتكەن باھانىلەر بولسا «جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش، توپلىشىپ ئىش تېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىرقىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك تۆھمەتلەر ئىكەن.

جاۋاب خەتتە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئابلىكىم غېنى 2017-يىلى 8-ئايدا بەش يىل ئالتە ئاي، ئابلىكىمنىڭ چوڭ قىزى پاتىمە 2019-يىلى 3-ئايدا ئالتە يېرىم يىل، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ كىچىك ئاكىسى مىجىت غېنى 2018-يىلى 5-ئايدا 16 يېرىم يىل جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇكىسى 16 يىل ئالتە ئاي، كىچىك ئۇكىسى ئادىل خەمىت ئۈچ يىل كېسىۋېتىلگەن. ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ ئانىسى توختىخان بەكرى 2014-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك بىلەن ۋاپات بولغان بولۇپ، قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نورمال ھالەتتە ئىكەن.

تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بېرى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشىنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئىستىخباراتى ئۇنىڭ ئالتە يىلدىن بېرى ئالاقىلىشالمىغان ئۇكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئابدۇغېنى ئەپەندى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 7483 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2020 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق