خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

گەرچە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يىغىلىش پائالىيەتلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلار مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى قەدەملىرىنى توسۇپ قالالمىدى.

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا بويىچە 103 دۆلەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن 40قا يېقىن دۆلەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.

تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشقا مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى. يىغىلىشنىڭ باشلىنىشىدا يېڭى نەسىل ياشلار ھەرىكىتى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش ئەگمەس روھىنى ئىپادىلەپ بەردى.

يىغىلىشقا قاتناشقان خەلق خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، زۇلۇمى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى ۋە رەسىملەرنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «تېررورچى خىتاي، تېررورچى شى جىنپىڭ» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ، خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71 يىللىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1949-يىلى دەل مۇشۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زوراۋانلىق بىلەن بېسىۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ياشاش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نامى ئاستىدا مىليونلىغان كىشىلەرنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي سىياسىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە: «شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دۆلەت تېررورلۇقى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگان ۋە تەشكىلاتلارغا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە جىنايەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق يىغىلىشقا ت ر ت، ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە كۆپلىگەن يەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى.

بۇ خەۋەر 7875 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق