شەرقىي تۈركىستاندا مازار چېقىش داۋاملاشماقتا

خىتاي ئۇيغۇرلار قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش پىلانىغا ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى يۆتكەش، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى بۇزۇپ ئېلىۋېتىش، مازارلىقلارنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى سىنلار تارقالغان بولۇپ، بىر سىندا بىر خىتاي ئەرنىڭ چېقىۋېتىلگەن مازارلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇ مازارلىقلارنىڭ ئەرزان باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتقانلىقى ۋە يان تەرەپتە يەنە بىر نەچچە خىتاينىڭ توختىماستىن مازارلارنى چېقىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يېقىندا تارقالغان خەلقئارالىق دوكلاتلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈزدىن ئارتۇق مازارلىقنى ۋەيران قىلغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇ دوكلاتلاردا سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.364173028072650/364171688072784/
بۇ خەۋەر 3366 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2020 19:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق