بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شىۋېتسىيەدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا كۈتۈۋېلىندى.

زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتكە، سىياسىي ئورگانلارغا ۋە قانۇنىي سۇپىلارغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان ۋە نىياز داموللام قاتارلىق جامائەت ئەربابلىرى بىلەن جەم بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى

بۇ خەۋەر 7928 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2020 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق