خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، يۇقىرى مائاشلىرىنى توختىماستىن تەشۋىقات قىلىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىنى تېزلەتمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى ھەرخىل يالغان جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىدى. يەنە بىر قىسمىنى بولسا قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ ئەكېلىپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتاي زېمىنى قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى ئۆيىگە يۈك-تاقىسىنى توشۇۋاتقانلىقى، يەنە بەزى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىپ بېرىلگەن ئۆي ۋە ئېتىزلارنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىدىغان خىتايلارغا بېرىلىدىغان ئۆيلەر سىرتتىن ۋە ئىچىدىن كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ داچا شەكىلدە سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك قورۇ ئۆيلەر ئىكەنلىكى، پۈتۈن ئۆي-جابدۇقلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى كۆز-كۆز قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى چاقىرىق قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۈنۈملۈك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى . يېقىنقى يىللاردا بولسا خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بار بولغان بارلىق كىشىلەرنى، جۈملىدىن ياشلارنىڭ ھەممىسىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىنماقتا. ئەمما نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانغا قانچىلىك خىتاينىڭ يەرلەشكەنلىكى نامەلۇم بولماقتا.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.363233301499956/363231541500132

بۇ خەۋەر 3240 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2020 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق