مالاتيادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىپتارلىق بېرىلدى
27-ماي تۈركىيەنىڭ مالاتيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.
ئىپتار زىياپىتىنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH)نىڭ مالاتيا شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئىپتار زىياپىتىدە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا قارشى سىياسەت ۋە باستۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇردى.