سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، قانداق شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسنى پارچىلاش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ياش قىز-ئوغۇللارنى ۋە ئەرلىرى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئاياللارنى، ھەتتا ياشىنىپ قالغانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يوللۇق پويىزدا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە كەيپىياتىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. يەنە بىر سىندا سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم كىيىم تىكىش زاۋۇتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مال ساقلاش ئامبىرىغا ئوخشاش بىر چوڭ زالدا قوش قەۋەتلىك كارىۋاتلاردا يېتىپ-قوپىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇندىن بۇرۇن خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى توپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى، ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلىدىغانلىقى، ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، تاماق چەكلىمىسى يوقلۇقى قاتارلىق قۇل سودىسى تۈسىنى ئالغان ئېلانلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.363240838165869/363237101499576

بۇ خەۋەر 3266 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2020 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق