ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىن خۇلاسە دوكلاتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىىشى، شۇنداقلا دۇنيا سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ جىددى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدائاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسى رەھبەرلەر، دىنىي ئالىملار، زىيالىلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىىشى بىلەن 12.نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3.نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 2020-يىلى 26-سىنتەبىردىن 28-سىنتەبىرگىچەئەنقەرەدەمۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى.

بۇ قېتىملىق مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىمىزدا خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەلەپ-تەقەززاسىغا ماس ھالدا، ئىستىراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، دەۋايىمىزنىڭ پىرىنسىپال نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاشتۇرۇش،دەۋايىمىزنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە بەزى جىددى قارارلارنى ئېلىش ئاساسى مەقسەت قىلىندى.
يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئامرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى.

2. ياۋرۇپا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى.

3. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

4. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مېدىيانىڭ رولى.

5. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى.

6. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى قېيىنچىلىقى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى.

7. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى ۋە قىزىل سىزىقلىرى.

8. ھەمكارلىقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى.

9. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تەشكىللىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ۋە ئامىللىرى.

10. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق ھەققىدە مۇھاكىمە.

11. تەشكىلاتلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش.

12. ھەمكارلىق شەكىللەندۈرۈش ئامىللىرى

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار:

1. ھازىرقى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلاغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-لايىھەلەرنى تەييارلاش ۋە ماقۇللىتىش.

2. ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋا تەرەققىياتىۋە لوبىيچىلىق ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش.

3. تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىقىنى چىقىش قېلىپ تۇرۇپ، تۈركىيە

خەلقى ئارىسىدا ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىكۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش.
4. مېدىيادىكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى قېلىپلاشتۇرۇش.

5. ئەدەبىياتنى جانلاندۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغامەنىۋيئوزۇق بېرىش.

6. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇقىم كىرىم مەنبەسى شەكىللەندۈرۈش.

7. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئانا پىرىنسىپلىرىنى قوغداشقا ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ھەرخىل كۈچلەرنىڭ خرىسىغا تاقابىل تۇرۇش.

8. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىمىز ئاساسىدا ھەمكارلىقنى روياپقا چىقرىش.

9. تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدا ھەمكارلىققا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ، سىېستىمىلاشقان، زامانىۋىيلاشقان، ئىلغار تەشكىلىي ئاپاراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

10. ئىسلام ئەللىرى ۋە ئەرەپ دۇنياسىغا خەلق دىپلوماتسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، دەۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىشىشىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش.

شۇرا جەريانىدا ۋەتەن مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت بىر غايە ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشۇپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارنىڭ ئۆزگەرمەس قىزىل سىزىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

1. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان.

2. ۋەتىنىمىزنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكى.

3. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكى.

4. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتۇر.

5. دۆلەت گىرىبىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان گىرىپتۇر.

تەكلىپ-پىكىرلەر

12. نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3. نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى يېغىنىغا قاتناشقان تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە يېغىن ئىشتىراكچىلىرى تۆۋەندىكى تەكلىپ –پىكىرلەرنىئوتتۇرىغاقويدى:

1. تەشكىلاتلار ئوتتىرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشئۈچۈن ئورتاق قارار چىقىرىدىغان مۇنبەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش.

2. ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشكەن پائالىيەت ۋە يېغىنلارنىخەلقئاراغا جاكارلاش.

3.تەشكىلات مەنپەئەتى بىلەن مىللىي مەنپەئەتنى ئايرىش.

4. تەشكلاتلار ئارىسىدىكى خىزمەت رىقابىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش.

5. تەشكىلاتلارئوتتۇرىسىدا بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

6. تەشكىلاتلار تەلەپنى باشقىلارغا قويۇشتىن ئاۋۋال ئۆزىگە تەلەپ قويۇش.

7. تەشكىلاتلار ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىشۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە تولۇقلىما دەپ كۆرۈش. ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى ئېنىق بىلىش.

8. تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى پات-پات ئۇچرۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى.

9. تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش . مەسىلىلەرنى يۈز تۇرانە ھەل قىلالايدىغان بىر ھالەت يارىتىش. ھەمكارلىقىمىزنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كەڭەيتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق قېرىنداش خەلقلىرىمىزنىڭ تەشكىلات ۋەكىللىرىگىمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى شۇرا يىغىنىمىزدا ئورۇن بېرىش.

10. ۋەتەن دەۋاسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ خىزمىتىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن بىللە،دەۋاغا يېڭىدىن قوشۇلغانلار بىلەن ئەسلىدىن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئارىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش.

11. ھەمكارلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە،بىر بىرىمىزنى مۇداپىئە قىلىش.

12. ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلارنىڭ ئىززەت – ئابروينى بارلىق سورۇنلاردا ئۆز ئاراقوغداش.

13. ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىنغان قارارلارنى ئورتاق ئىجرا قىلىش.

12. نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3. نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللى بىرلىك شۇراسى2020 – يىلى، 26- 28 – سىنتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختنى ئەنقەرەدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

يېغىندا ئېلىنغان قارار ۋە تۈزۈلگەن لايىھەلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشى ۋە مۇقەددەس ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇشى يېغىنغا قاتناشقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتچى ئاكادېمىكلەر، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئورتاق ئۈمىد – ئارزۇسىدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىزنى بۇ مۇبارەك غايە - مەقسەتلەرگە يەتكۈزىشىنى تىلەيمىز.

 

بۇ خەۋەر 8082 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 13:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق