ھەمكارلىق خىتاپنامىسى



12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ئۆز-ئارا كېڭىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بۇ نۇقتىلار يېغىنغا قاتناشقان 28 تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى ۋە قارارى بىلەن « شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق خىتاپنامىسى » نامىدا ئېلان قىلىندى.


يىغىندا، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە ، پرىنسىپال مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش؛ پەرقلىق كۆز قاراش ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خاراكتېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي، مەنىۋىي ۋە كۈلتۈرەل قىممەت قاراشلىرىغا زىتلا بولمايدىكەن ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى ۋە مېتۇدى سەۋەپلىك بىر-بىرى بىلەن زىدىيەتلەشمەسلىك، مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بىر-بىرىنى ئىتراپ قىلىش ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلاش؛ بىرلىككە كېلەلىگەن نۇقتىلاردا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، بىرلىككە كېلەلمىگەن نۇقتىلاردا چەتكە قېقىشتىن ساقلىنىپ، پىكىر ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئورتاقلىشىش، تاللاش ۋە قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىش.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ياشاۋاتقان دۆلىتىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا، بىيۇروكراتلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. مېدىيا، يۇمشاق كۈچ، خەلق دىپلوماتىيەسى، لوبىيچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ جامائەت پىكرى يارىتىش، جامائەت پىكرىنى جانلىق تەسىر كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىمىۋۇللۇق شەخسلەر، سىياسىي ئەرباپلانىڭ ۋە مەشھۇرلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئارا ئورتاق دوكلات، ئورتاق بايانات، ئورتاق مەتبۇئات تېكسىتى ئىشلىتىش، نامايىش ۋە لىكسىيەگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردە، كۆرۈنۈشچان ۋە ۋاقىپلاندۇرۇش فۇنكىسىيەسىگە ئىگە پائالىيەتلەردە سۆزدە بىرخىللىققا، ھەرىكەتتە بىردەكلىككە ئەھمىيەت بېرىش ۋە تونۇش پەيدا قىلىشتا ئورتاق نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە يۈزلىنىش.


ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئىمكانىيەت دائىرىسىدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىش. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغان ۋە قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دەۋاغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىتىبارىنى ئاشۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيان يەتكۈزمىگەن، يەتكۈزمەيدىغان دۆلەت ۋە سىياسىيۇنلارغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قارىماسلىق، دەۋا دوسىتلىرىنى كۆپەيتىش، ئۇلارنى قەرەللىك ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ئېھتىماللىقلار ھەققىدە ئىشەنچلىك ۋە ئىلمىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇش.



شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا پاسسىپ كەيپىيات يارىتىۋاتقان، دەۋانىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدىيتىگە قارىتا سەلبىي تونۇش پەيدا قىلىۋاتقان ئورگان ۋە شەخىسلەرگە، ئىچكى ۋە تاشقى «كۈچلەرگە» بىرلىكتە قارشى تۇرۇش. تەشكىلاتلار ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ۋە تاشقى جامائەت پىكرى ۋە تونۇشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ ھەل-قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش؛ تەشكىلات ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوبرازى ۋە شەخسىي تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىنغاندا ئۆز-ئارا ھىمايە قىلىش.


يۇقارقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا، تەشكىلات ۋە سەرخىللار ئارا قەرەللىك ياكى پەۋقۇلاددە يىغىن، مۇزاكىرە، مۇھاكىمىلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىستىراتېگىيەلىك ۋە جىددىي خاراكتېرلىك پىلان-لايىھەلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان كونكېرت ھەرىكەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ چىقىش.



مىھرىبان ئاللاھتىن بۇ يېغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشى ئۈچۈن بىزگە ئاسانچىلىق بىرىشىنى، يېغىنىمزغا قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەجرىلىرنى كاتتا قىلىشىنى، قەلبلىرمىزنى ئىمانىي قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن مەھكەم باغلىشىنى، بىزنى بۇ مۇبارەك دەۋا يولىدا مۇستەھكەم ۋە مۇزەپپەر قىلىشنى تىلەيمىز.

 

 

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 6905 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق