تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 68 كىشى قازا قىلدى

27- سېنتەبىر كەچتە تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 1.467 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 101مىڭ 119 كىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 1.467 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 68 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ 7997 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فاخرەتتىن كوجا يەنە، 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار 1 مىڭ 116 گە يەتكەنلىكىنى، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن بىرى ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 275 مىڭ 630 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 7303 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق