پومپېيو :نيۇ-يوركتىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى جاسۇسلارنىڭ ئۇۋىسى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو » خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى جاسۇسلۇق ئۇۋىسى «دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، » خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى باش كونسۇلخانىسىنى جاسۇس ئۇۋىسى، بۇ يەردىن تېخىمۇ كۆپ جاسۇسنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۇمكىن، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ پائالىيىتى نورمال دىپلوماتىيە چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. « دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سانفىرانسىسكو ۋە نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن جاسۇسلۇق مەركىزى دەپ، ئاتالغان. بۇ خىتاي ئورگانلىرى سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋە يۇ -نىيۇيوركتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان دەپ قارالغان.

پومپېيو بۇ ھەقتە: » خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىغا كېڭىيىشى مۇمكىن ، ۋاشىنگتون ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ سانىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. «دېگەن.

خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى باش كونسۇلخانىسى جۈمە كۈنى جاسۇسلۇق قىلمىشىغا تېنىپ، » ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي كونسۇلخانىسى ئەزەلدىن خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمگە ئەمەل قىلىپ كەلدى. «دېگەن.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «پومپېيونىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي دىپلومات خادىملىرىنى ئەيىبلىشى تۆھمەتتۇر . بىز ئامېرىكىنى خىتاينىڭ دىپلومات خادىملىرىغا تۆھمەت چاپلاشنى دەرھال توختىتىشىنى ، ئۇلارنى تۇتۇش ۋە ئاۋارىچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىمىز. «دېگەن.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20200925-%E8%93%AC%E4%BD%A9%E5%A5%A5%E6%8C%87%E5%90%8D%E9%81%93%E5%A7%93%E6%8E%A7%E4%B8%AD%E7%BA%BD%E7%BA%A6%E6%80%BB%E9%A2%86%E9%A6%86%E9%97%B4%E8%B0%8D%E7%AA%9D-%E5%8C%97%E4%BA%AC%E6%96%A5%E5%AE%8C%E5%85%A8%E6%98%AF%E9%80%A0%E8%B0%A3%E8%AF%AC%E8%94%91
بۇ خەۋەر 7795 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2020 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق