ياپونىيەدىكى قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا 25-سېنتەبىر كەچتە شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان تېلېفون سۆھبىتىدىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ، ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقلىق كېڭىشى قارار چىقىرىپ ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كونسېرۋاتىپ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقلىق كېڭىشى قارار لايىھەسىنى تەييارلاپ ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر لايىھە بۈگۈن (جۈمە كۈنى) ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭنى ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشقا قارشى تۇرغان. بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بولۇپ، بىرى خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزنى دائىم كېزىپ يۈرگەن ، يەنە بىرى شى جىنپىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كونسېرۋاتىپ ئىتتىپاقلىق كېڭىشى قارار تېكىستىدە مۇنداق دەپ يازغان: خىتاي پاراخوتلىرى سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدا دائىم ئايلىنىپ يۈرىدۇ . خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدا مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنسا بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ياپونىيەنىڭ تەكلىپى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك».

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئەسلىدە شى جىنپىڭنى بۇ يىل ئەتىيازدا ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش تەكلىپى بىكار قىلىنغان.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20200924-%E6%97%A5%E6%9C%AC%E6%89%A7%E6%94%BF%E5%85%9A%E9%83%A8%E5%88%86%E8%AE%AE%E5%91%98%E8%A6%81%E6%B1%82%E5%8F%96%E6%B6%88%E4%B9%A0%E8%BF%91%E5%B9%B3%E8%AE%BF%E6%97%A5-%E5%90%A6%E5%88%99%E8%B4%BB%E7%AC%91%E5%A4%A7%E6%96%B9
بۇ خەۋەر 7201 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2020 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق