شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئائىلە كىشىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىگۇناھ جازا لاگېرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى كۆز ياشلىرى بىلەن قىسقا سىن ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىشى سەۋەبلىك سان-ساناقسىز ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. بالىلار ئاتا- تانسىدىن ئايرىلىپ تېرىك يېتىم بولۇپ قالدى. ياشانغانلار باققۇچىسىز ئاجىز، ئاياللار ھىمايىسىز قالدى .

ئالدىنقى يىللاردا ھېچ بولمىسا ئاغزاكى شەكىلدە ئائىلىسىگە ۋە قېرىنداشلىرىغا بولغان سىغىنىشى ئىپادىلىيەلىگەندەك ئۇيغۇر خەلقى ئاخىرقى يىللاردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى ۋە باستۇرۇشى بىلەن ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.

بۈگۈن تارقالغان سىندا دادىسىنىڭ ، يولدىشىنىڭ ، قېرىنداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ كۆز ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىلاجىسىز قانچىلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈنسىز ياش تۆككەن ھالىتىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىچى سىرىلماي قالمايدۇ .

ئۆتكەن يىلى خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە لاگېرلارنى تاقىغانلىقىنى %90 ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى ، ھەتتا لاگېر دەيدىغان بىر يەرنىڭ قالمىغانلىقىنى توختىماي جار سالغان ئىدى. ھەركۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ، قامالغانلارنىڭمۇ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.357593488730604/357592745397345/
بۇ خەۋەر 3153 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2020 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق