خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا سۈركىلىشى داۋاملاشماقتا

دوۋىي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاي بىلەن ھىندىستان توقۇنۇشى داۋاملاشقان بولۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاينىڭ چېگراغا يېقىن ھەربىي بازىسىنىڭ بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئاقىللار ئامبىرى ستراتفور دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خىتاي -ھىندىستان چېگراسىغا ئاز دېگەندە 13 يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ھاۋا ئارمىيە بازىسى، بەش مەڭگۈلۈك ھاۋا مۇداپىئە ئورنى ۋە بەش تىك ئۇچار ئايروپىلان سۇپىسى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلان سۇپىسى بۇ يىل ماي ئېيىدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

ھىندىستان يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (NDTV) نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەردە، خىتاينىڭ چېگرا رايونلاردىكى ھەربىي ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىشنىڭ ئاچقۇچى ھاۋا كۈچىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى، خىتاي ھازىرقى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە باشقا ئەسلىھەلەردە قوشۇمچە ئۇچۇش يولى ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىق تۆت خىل ھاۋا مۇداپىئە ئورنى قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئورۇنلار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ بۇ بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىكەن.

ئىلگىرى تاراتقۇلار تارقاتقان سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردە خىتاي تىبەتنىڭ كۇنسا ئايرودۇرۇمى (Ngari-Gunsa) نىڭ بانگۇڭ كۆلى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 200 كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئايرودۇرۇمدىكى قۇرۇلۇش خىزمىتى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ J-11 ۋە J-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن .

ئۇندىن باشقا يەنە، ھىندىستان يېڭىدىن ياسالغان ئاددىي گازارمىنىڭ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە ، ھىندىستان ئارمىيەسى گازارمىسىدا توك بىلەن تەمىنلەش ۋە كىرسىن ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى ، شۇنداقلا ئەينەك كارىدور بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئالتىنچى قېتىملىق ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خىتاي تەرەپ خىتاي-ھىندىستان ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ ئالتىنچى ئايلانمىسىدا «ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىيىشىنى توختىتىش» توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھىندىستان تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئالتىنچى نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت قاتمال ھالەت بىلەن ئاخىرلاشقان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويۇشنى رەت قىلغان.

https://www.dwnews.com/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/60212742/%E4%B8%AD%E5%8D%B0%E5%86%B2%E7%AA%81%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E6%89%A9%E5%A2%9E%E5%86%9B%E4%BA%8B%E5%9F%BA%E5%9C%B0%E6%9B%9D%E5%8D%B0%E5%86%9B%E6%96%B0%E8%90%A5%E6%88%BF%E5%86%85%E6%99%AF%E5%9B%BE
بۇ خەۋەر 7519 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2020 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق