تۈركىيەنىڭ قانچىلىك قەرزى بار؟

تۈركىيەنىڭ قانچىلىك قەرزى بار؟

 

 تۈركىيە مالىيە مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېكىتىدە 1989-يىلدىن باشلاپ ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تۈركىيەنىڭ تاشقى قەرزىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيا بانكىسى بولسا تۈركىيەنىڭ تاشقى قەرزىنى 1970-يىلىدىن باشلاپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان سانلىق مەلۇمات تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ساپ تاشقى قەرزى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بارلىق قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەلۇماتتىن تۈركىيەنىڭ تاشقى قەرزىنىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ (GSYH) قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

مالىيە مىنىستىرلىكى ئورگان تور بېكىتىدە 1989-يىلدىن باشلاپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ قەرز ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1970-يىلى تۈركىيەنىڭ تاشقى قەرزى 2.7 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.8 بولغان.

1980-يىلىدىكى قەرزى 19.1 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.8 بولغان.

1990-يىلىدىكى قەرزى 52.4 مىليارد دوللارغا كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.1 كە چۈشكەن.

2000-يىلىدىكى قەرزى 118.6 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %43.6 كە ئۆرلىگەن.

2001-يىلىغا كەلگەندە قەرز مىقدارى تۆۋەنلەپ 113.6 مىليارد دوللارغا چۈشكەن. 2010-يىلىغا كەلگەندە يەنە كۆپىيىپ 291.4 مىليارد دوللارغا چىققان.

2018-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا قەرز مىقدارى 467 مىليارد دوللارغا چىققان. 2019-يىلى يىل ئاخىرىدا قەرز مىقدارى 436.9 مىليارد دوللارغا چىققان، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بولسا %58 بولغان.

2020-يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا قەرز مىقدارى 431 مىليارد دوللار بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %56.9 بولغان.

تۈركىيەنىڭ 2013-يىلىدىكى دۆلەت خەزىنىسىدىكى دوللار زاپىسى 134.6 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2020-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە دۆلەت خەزىنىسىدىكى دوللار زاپىسى 84.4 مىليارد دوللارغا چۈشكەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

يەرشارىدىكى تاشقى قەرزگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق، دۆلەتلەرنىڭ تاشقى قەرزىنىڭ يىلدىن يىلىغا كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. 2016-يىلقى قەرز تىزىملىكىدە تۈركىيە ئەڭ كۆپ قەرزى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە 29-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، قەرز كىشى بېشىغا 5000 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

دۇنيادا ئەڭ كۆپ قەرزى بولغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا 18 تىرىليون 235 مىليارد 489 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ھەربىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ كىشى بېشىغا 56 مىڭ دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

ئەنگلىيە: 7 تىرىليون 554 مىليارد 815 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 119,200 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

گېرمانىيە: بەش تىرىليون ئىككى مىليارد 93 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 4-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 61700 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

ياپونىيە: ئۈچ تىرىليون 645 مىليارد 534 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 7-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 26400 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

خىتاي: بىر تىرىليون 420 مىليارد 657 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 14-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا مىڭ دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

خوڭكوڭ: بىر تىرىليون 329 مىليارد 506 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 15-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 179 مىڭ 500 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

رۇسىيە: 529 مىليارد 651 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 22-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 3700 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

ھىندىستان: 456 مىليارد 66 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 25-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 340 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: 128 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 33-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 26202 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

قازاقىستان: 93 مىليارد 210 مىليون  دوللارلىق قەرز بىلەن 38-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 5987 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

ئىسرائىلىيە: 84 مىليارد 690 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 39-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 11649 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

تەيۋەن: 79 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 40-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 3452 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان 72 مىليارد 450 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 43-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 2839 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

پاكىستان: 52 مىليارد 120 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن 52-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 318 دوللاردىن توغرا كېلىدىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا دۇنيادا گىرۇنېيزېن ، لىچتېنشتېين، پالائۇ قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بىلەن ئاۋمېننىڭ ھېچقانداق قەرزى يوق ئىكەن.

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 32382 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2020 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق