نۇرى تۈركەل خەلقئارادا تەسىرى كۈچكە ئىگە 100 شەخس قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېت ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2020-يىلىدىكى خەلقئارادا تەسىرى كۈچكە ئىگە 100 شەخس قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

نۇرى تۈركەل بۇ يىل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.

دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايلې مانچىن نۇرى تۈركەلنىڭ مەزكۇر كومىتېتتا خىزمەت قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي قوزغىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يۇقىرى پەللىگە چىققاندا تۇغۇلغانلىقىنى، كېچىك ۋاقتىدىمۇ دىنى چەكلىمىلەر يولغا قويۇلغان قىيىن شارائىتىدا ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكىدا ئوقۇپ يېتىلگەن تۇنجى ئۇيغۇر ئادۋوكاتى بولۇپ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان بوشاشماي تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇ بۇندىن بۇرۇن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىشىغا ياردەم قىلغان. كۆپلىگەن سىياسەت مۇنبىرى ۋە قانۇن چىقىرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دىققىتىنى قاراتقان. ئۇنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى سىياسەت تۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان.

https://www.uscirf.gov/news-room/press-releases-statements/uscirf-commissioner-nury-turkel-named-time-s-annual-time100-list
بۇ خەۋەر 9826 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2020 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق