يەنە بىر قانچە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرى ئاشكارىلاندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان يەنە بىر شىركەت ئاشكارىلاندى.

سىندا ئاشكارىلانغان شىركەت «شىنجاڭ جىخۇا 7555 خىزمەت كىيىمى چەكلىك شىركىتى»نىڭ كورلا خېجىڭ ناھىيەسىدىكى تارماق زاۋۇتى ئىكەن. سىندا مەزكۇر زاۋۇتتا 100 ئىشلەمچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ كارخانا خىتاي ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى تىكىدىكەن.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كارخانىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بولۇپ، مەخسۇس نازارەت قىلغۇچىلار ئىش ئورنىدا ئۇلارنى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن.

يەنە بىر 19 سېكۇنتلۇق سىندا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ياڭاق ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە سېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر شەھەردە 20 ياش ئەتراپىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مېۋە-چېۋىلەرنى پىلاستىك خالتىلارغا ئوراپ، يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.


https://www.facebook.com/zaomure.dawuti/videos/pcb.357872668702686/357869372036349/?type=3&theater
بۇ خەۋەر 3152 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2020 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق