كۇچادىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن كۇچا شەھىرىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلغان.

سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ سەپەر سومكىسى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ ماڭغان. يولۇچىلار بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشكۈن ھالىتىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يەنە بىر سىندا سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چوڭ ھەربىي چېدىردا تۇرۇۋاتقانلىقى، ھەربىر چېدىردا يىگىرمىدىن ئارتۇق ئايالنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3211 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2020 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق