ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


23-، 24-فېۋرال كۈنلىرى ئىستانبۇل گولدەن مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 
مۇھاكىمە يىغىنىنى د ئۇ ق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنىغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 30 نەچچە زىيالىي قاتناشقان.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان مەسلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. 
مۇھاكىمە يىغىنى دەل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئانا تىلىدىكى مائارىپىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايچە مائارىپ بىلەن تەربىيەلەشكە باشلىغان مۇھىم بىر پەيتتە ئېچىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ھەر تەرەپلىمە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» قۇرۇپ چىققان. كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت سايلانغان. 
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، كومىتېتنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك كىتاب تۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 13819 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2019 18:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق