ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ياۋروپانى خىتاي تېخنىكىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرەچ تەيۋەن زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا سەككىز ياۋروپا دۆلىتىگە خىتاي تېخنىكىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بۇ يىلنىڭ بېشىدا تور تازىلاش پائالىيىتى باشلاپ، تېلېگراف تىجارەتچىلىرى، ئەپ دېتاللىرى، ئەپ دېتالى دۇكانلىرى، بۇلۇت سۇپىسى مۇلازىمىتى ۋە سۇ ئاستى كابېلى قاتارلىق بەش ساھەدىكى «ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان خىتاي ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى تازىلىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىمۇ ئامېرىكىغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىجابىي ئىنكاسلارغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، پولشا، شىۋېتسىيە، ئېستونىيە، رومىنىيە، دانىيە، لاتۋىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ 5G تورى تېخنىكىسىدا خىتاينىڭ ئىشەنچسىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە، ھىندىستان، ئاۋسترىيە، كورېيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاساسلىق تېلېگراف ساھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. كانادادىكى ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى يەنە 5G تورىدا خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

https://www.voachinese.com/a/us-europe-china-5g-20200922/5592855.html
بۇ خەۋەر 7202 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق