خىتاي ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشتە پۇقرالارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر تولدۇرۇش ئۇسۇلى تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، يانفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاكتىپ تولدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 7-نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى 2022-يىلى 12-ئايغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئېلان قىلىشقا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن نوپۇس ئېنىقلاش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى پىسخىكىلىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەقىقىي نوپۇس سانىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2543 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق