شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە چاقىرىق

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71-يىلىدا شەرقىي تۈركىستانلىق خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى، دوستلارنى، سەپداشلارنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئالاھىدە چاقىرىمىز.

1949-يىلى رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلدى. 1955-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئۆزگەرتتى. خىتاي ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان بۇ 71 يىللىق ئاسارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى، خەلقىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ۋە ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلدى. ھەتتا بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.

خىتاينىڭ زوراۋانلىق، ئاسسىمىلياتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2014–يىلىدىن بۇيان بۇيان خەلقىمىز ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتاي ناتسىست جازا لاگېرلىرىغا 8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمان خەلق قامىغانلىقىنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىپ دوكلات ئېلان قىلدى.

10 –ئاينىڭ 1-كۈنى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى تەنتەنە قىلىپ بايرام قىلىدۇ. خىتاي «بايرام» دەپ قارىغان بۇ كۈن بىز ئۈچۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان قايغۇ ۋە ماتەم كۈنىدۇر. بۇ كۈندە خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10:00 دا ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا جەم بولۇپ، بىرلىك روھىمىزنى نامايەن قىلايلى! زالىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ناھەق قامالغان 8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتايلى.

ۋاقتى: 2020-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)، سائەت 10:00
ئورنى: بەيازىت مەيدانى (Beyazit)

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1653 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق