خىتاي ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا 10 نەچچە ئاپتوبۇس بىلەن ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى ئون نەچچە ئاپتوبۇس بىلەن ئېلىپ ماڭغان. سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللار ئىچىدە قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارمۇ بار بۇلۇپ، بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. سۈرگۈن قىلىنغانلار يوتقان-كۆپىلىرىنىمۇ ئېلىۋالغان بۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، سۈرگۈن قىلىنغان بۇ ئاياللارنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى، ئەرلىرى خىتاي تەرىپىدىن تۈرمە ياكى لاگېرلارغا قامالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە ئاياللىرىنى يالغۇز سەپەرگە چىقارتماسلىقتەك ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللارنى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، باشتىن-ئاخىر نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللار يۇقىرىقى سىنلارنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، ھاجەتكە بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تارتىۋالغان.

 

 

بۇ خەۋەر 2472 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق