خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارشى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئامېرىكا يېقىندا تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىككى ئەمەلدار ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بىرلەشمە باياناتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى خىتايغا قىلىنغان سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى نىشان قىلغان ئاساستا تەدبىر قوللىنىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقە سانىنى ئاشۇرۇپ، خىتايغا بېسىم قىلغان. بۇ قېتىم مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرەچ تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى لى دېڭخۇيغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20200921-%E7%BE%8E%E4%B8%A4%E9%AB%98%E5%B1%82%E7%9B%B8%E7%BB%A7%E8%AE%BF%E5%8F%B0-%E5%8C%97%E4%BA%AC%E7%A7%B0%E5%B0%86%E5%8F%8D%E5%88%B6-%E5%8C%85%E6%8B%AC%E9%92%88%E5%AF%B9%E6%9C%89%E5%85%B3%E4%B8%AA%E4%BA%BA
بۇ خەۋەر 7255 قېتىم كۆرۈلدى
22/09/2020 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق