تېخىمۇ كۆپ سىن كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش جىنايىتىنى دەلىللىمەكتە

تېخىمۇ كۆپ سىن كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش جىنايىتىنى دەلىللىمەكتە
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان مەسچىت چېقىش، مەسچىتلەرنىڭ شەكلىنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت دىنغا قارشى سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ جىددىي ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن نىڭشيا ئۆلكىسى جۇڭۋېي شەھىرىدىكى ياۋئېرۋەن مەسچىتىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە جۇشەن بازى مەسچىتىنىڭ ھىلال ئاي ۋە گۈمبەزلىرىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا بېزەشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە جىنەن شەھىرى شېنياڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان داخۇۋەيجىن مەسچىتىنىڭ مۇنار ۋە گۈمبىزىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا بېزەشكە مەجبۇرلىغان.
بۇلاردىن سىرت، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خارابىلىككە ئايلانغان مەلۇم بىر چوڭ مەسچىتنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلگەن مەسچىتنىڭ مۇنارلىرىدىكى ھىلال ئاي ۋە گۈمبەزلەر ئاللىبۇرۇن بۇزۇۋېتىلگەن. مەسچىتنىڭ تۆت تېمى، ئاساسلىق گەۋدىسى چېقىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ۋە ئەزان مۇنارى خارابە ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغان. گەرچە سىندا بۇنىڭ قايسى مەسچىت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتى ئىكەنلىكى، ۋەيران قىلىنغىلى بىر-ئىككى يىل بولغانلىقى كۆرگىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://www.facebook.com/zaomure.dawuti/videos/pcb.356893898800563/356892882133998/?type=3&theater
https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.356885205468099/356884682134818 /
https://www.facebook.com/100034398679054/videos/pcb.356885205468099/356884525468167

بۇ خەۋەر 2454 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2020 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق