خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا 81 يېڭى تۈردە قۇرۇلۇش باشلىغان.
ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا بۇرۇنقى قۇرۇلۇش تۈرلىرى داۋاملاشقاندىن سىرت، يەنە يېڭىدىن 81 تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغان.
يېڭىدىن باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى تىزناپ دەرياسى موموق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئاقسۇ-ئارال تۆمۈر يولى، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى، خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ سىغىمنى ئاشۇرۇش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما 176 مىليارد 682 مىليون سومغا يېتىدىكەن. ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان تۈرلەر ئىچىدە ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، چوڭتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تۇرپان-بايىنغولىن-كۇچا II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تېزلىتىگەن.
مەزكۇر خەۋەردىكى ئاقسۇ-ئارال تۆمۈر يولى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى، خوتەن بىلەن ئاقسۇ ئوتتۇرىسىغا 2002-يىلىدىن باشلاپ دىۋىزىيەنى ئاساس قىلغان ئارال شەھىرىنى قۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئورۇنغا مەخسۇس خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇشۇ يەردىن باشلىغان. ئارالدا يەر ئاستى سۈيى مول بولۇپ، بىر قانچە مېتىر كولىسىلا تاتلىق سۇ چىقىدۇ. خىتاي ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئارالغا خىتايلارنى زور كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىققان. خىتاي ئارال شەھىرىنى ئاقسۇغا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەرقايسى جايلارغا يەرلەشتۈرۈش پىلانىنى قولايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 2719 قېتىم كۆرۈلدى
19/09/2020 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق