خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەسچىت چېقىشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىچە ئومۇملاشتۇرماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەسچىت چېقىشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىچە ئومۇملاشتۇرماقتا
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تاقالغان سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان مەسچىت چېقىش، مەسچىتلەرنىڭ شەكلىنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت دىنغا قارشى رەزىل سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، خېنەن ئۆلكىسى شياڭچېڭ شەھىرىگە جايلاشقان 600 يىللىق تارىخقا ئىگە نەندۈن مەسچىتنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا ياساپ چىققان. بۇ مەسچىت يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان بولۇپ، مەسچىت ۋە ئۇنىڭ مۇنارىنىڭ ياسالغىنىغا 600 يىلدىن ئاشقان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە چىڭخەي ئۆلكىسى جيەنجا ناھىيىسى كاڭياڭ بازىرىغا سېلىنغان كاڭياڭ مەسچىتىنىڭ مۇنار ۋە گۈمبىزىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا بېزەشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي يەنە گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن، باۋئەن، دۇڭشياڭ ۋە سالار ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان چېزاڭ مەسچىتىنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى چېقىۋەتكەن. بۇ مەسچىت 1920-يىلى سېلىنغان ئىكەن.

بۇ خەۋەر 9833 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2020 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق