خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا تەييارلانماقتا

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا تەييارلانماقتا
يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ساختا مەيدان ياساشقا كىرىشكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلىنى يوقىتىپ خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن قالدۇرۇپ، ئالدى بىلەن دىنىي كىتابلارنى، ئارقىدىن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى، بولۇپمۇ تارىخ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىتابلارنى يىغىۋالغان، كىتابخانىلاردا پەقەت بۇرمىلانغان تارىخىي كىتابلارنى، خىتاي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلارنى قويۇپ قويغان ئىدى.
تۈنۈگۈن تارقالغان 15 سېكۇنتلۇق سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى «شىنخۇا كىتابخانىسى»غا تۇيۇقسىز ھەر قايسى تۈرلەردىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تىزىپ قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سودا ھەمكارلىق سىن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول ئىچىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىيارەت تەلىپىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 2720 قېتىم كۆرۈلدى
18/09/2020 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق