خىتاي يەنە بىر مەسچىتنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتتى

خىتاي يەنە بىر مەسچىتنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتتى
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر مەسچىتنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور كۈچ بىلە ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى. خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ھويلا-ئارام بىلەن مەسچىت چېقىپ ۋەيران قىلىشنى كۈچەيتتى.
مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلگەن ئاتالمىش مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مەسچىت ئىكەنلىكى قاراشقىلا ئېنىق بولۇپ، ئىچىگە بۆشۈك، ساندۇق قاتارلىق مىللىي ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قويۇلغان. ھەتتا مەسچىتتىكى گىلەملەرمۇ شۇ پېتى قالغان بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مەسچىت ئىچىدە ئايىغى بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا چېقىلىش خەۋپىدىن ساق قالغان مەسچىتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن تارتىۋېلىپ، خالىغانچە مەقسەتتە ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 2516 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2020 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق