ئىچكى موڭغۇلىيەدە 5000 كىشى قولغا ئېلىندى

ئىچكى موڭغۇلىيەدە 5000 كىشى قولغا ئېلىندى
زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەدە خىتاي تىلى مائارىپىنى مەجبۇرى يولغا قويۇشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن 5000 كىشى قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىچكى موڭغۇلىيەدە خىتاي تىلىنى ئاساسلىق دەرسلىك تىلى قىلىپ بېكىتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق ھازىرغىچە بېسىقمىغان. نۆۋەتتە تەخمىنەن 5000 موڭغۇل ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردىن داۋاملىق قېچىپ كەتكەن. توققۇز موڭغۇل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. قولغا ئېلىنغانلار بولسا ئاتالمىش «قانۇن تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئەۋەتىلگەن. «خىتاي قانۇنلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى» دەپ ئېيتىلغان بۇ ئورۇنلار ئەمەلىيەتتە بىر لاگېر بولۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر بۇ مەركەزلەرگە «قارا تۈرمە» دەپ نام بەرگەن ئىكەن.
خىتاي قارشىلىق كۆرسەتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇرەسسە سۈپىتىدە «ئۆزگەرمەس بەش پىرىنسىپ»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، موڭغۇللارنى ئالداپ مۇرەسسە قىلىشنى پىلانلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىچكى موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويماقچى بولغان يېڭى سىياسىتى موڭغۇللارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. بەزى كىشىلەر خىتاي سىياسىتىنىڭ ئاللىقاچان يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن موڭغۇللارغا نىسبەتەن خەتىرى زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاي يى 15-سېنتەبىر تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بىر تۈركۈم موڭغۇل خەلقى ئۇلانباتور شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
15-سېنتەبىر يۈزگە يېقىن نامايىشچى سۇخباتور مەيدانىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ موڭغۇل تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار «ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!»، «ۋاڭ يى يوقالسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان.
ئىچكى موڭغۇلىيە مائارىپ نازارىتى 26-ئاۋغۇست دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئالاقىدار يېڭى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا باشلانغۇچ 1-يىللىق ۋە تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ ۋە سىياسەت دەرسلىكىنىڭمۇ خىتايچە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 9494 قېتىم كۆرۈلدى
17/09/2020 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق