تۈركىيەدىكى ئوخشىتىپ ياسالغان ۋە باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار ۋە شىركەتلەر ئېلان قىلىندى

15-سېنتەبىر تۈركىيەنىڭ دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى بەكېر پاكدېمىرلى (Bekir Pakdemirli) مەھسۇلاتلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلىگەن ۋە باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىگەن 91 شىركەتنىڭ 113 خىل مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى. دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى، مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىسى، تۈرى ۋە سانى قاتارلىقلارنى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلدى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تەقلىد قىلىنغان ۋە باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە باشتا «رىۋىئېرا زەيتۇن يېغى» (Riviera Zeytinyağı)، «تەبىئىي سۈزمە زەيتۇن يېغى» «ئاپتاپپەرەس يېغى» قاتارلىقلار تىزىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن گۆش مەھسۇلاتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قېزا، قىيما گۆش، دۆنەر، كۆفتە، كاۋاپ، لاھماجۇن قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە ئات، ئېشەك، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن پىشلاق، سارماي، قېتىق قاتارلىقلاردىمۇ مەسىلە كۆرۈلگەن. يەنە بىر قىسىم ھەسەل مەھسۇلاتلىرىغا شېكەر قاتارلىق بىر قانچە خىل ماددا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. چاي مەھسۇلاتلىرىغا ھەرخىل رەڭ قوشقۇچى ماددىلار قوشۇۋېتىلگەن. تىزىملىكتە مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قانچە خىل شاكىلات ۋە باشقا ئىچىملىكلەرمۇ بار ئىكەن.

بەكېر پاكدېمىرلى ئوخشىتىپ ياسالغان ۋە باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، شۇنداقلا سودىدا ئادىل بولمىغان رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شىركەتلەرنى، مەھسۇلاتلارنى ۋە مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىياللارنى قەتئىيلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. ئەمما داۋاملىق تەكرارلىغىنىمدەك، ئەڭ ياخشى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچىلار يەنىلا خەلقىمىزدۇر. خەلقىمىز سېتىۋالغان ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتتىن گۇمانلىق ماددىلارنى بايقىسا، سەل قارىماستىن بىزگە مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

 تۈركىيەدە ئوخشىتىپ ياسالغان ۋە باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار، ماركىلار، ۋە شىركەتلەرنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش ئاشكارا ئېلان قىلىش 2012-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلار بىلەن قوشقاندا، ئوخشىتىپ ياسالغان، باشقا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار، ماركىلاردىن 1609 شىركەتكە تەۋە 3605 خىل مەھسۇلات خەلققە ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2020 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق