خىتاي يەنە بىر شەھەرنى قامال قىلدى

خىتاي يەنە بىر شەھەرنى قامال قىلدى
فىرانسىيە خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ رۈيلى شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئۈچ كىشى بايقالغانلىق سەۋەبلىك شەھەرنى قامال قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى رۈيلى شەھەر دائىرىلىرى چەت ئەلدىن كەلگەن ئۈچ كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغانلىقى سەۋەبلىك شەھەرنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ۋە بارلىق ئاھالىلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۈيلى شەھىرى خىتاي-بېرما چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، 210 مىڭ ئاھالىسى بار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمى ئاساسىي جەھەتتىن چەت ئەلدىن كىرگەن.
رۈيلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ چوقۇم ئۆيدىن چىقماسلىقى، ئۆيىدە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى، شەھەردىن كىرىپ-چىقىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ھازىرچە چەكلىمىنىڭ بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈننەن ئۆلكىلىك دائىرىلەر خىتاي-بېرما چېگراسىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى، يۈننەنگە تەۋە نۇرغۇن چېگرا شەھەرلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 9426 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2020 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق