خىتايدا تارقىلىپ كەتكەن بىرۇتسېللا باكتېرىيەسىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىگە يۇققانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتايدا تارقىلىپ كەتكەن بىرۇتسېللا باكتېرىيەسىنىڭ نەچچە مىڭ كىشىگە يۇققانلىقى ئاشكارىلاندى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۇزاقتىن بىرى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان لەنجۇدىكى بىيو دورىگەرلىك زاۋۇتىدىن تارقىلىپ كەتكەن بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى بىلەن نەچچە مىڭ كىشى يۇقۇملانغان.
خىتاينىڭ ۋۇخەندە تارقالغان ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن ئوخشاش دېگۈەك ۋاقىتتا بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى تارقىلىپ كېتىش ۋەقەسى لەنجۇدىكى بىر دورا زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. توققۇز ئاي ئىلگىرى يۇقۇملىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنى باستۇرۇپ قويۇپ، ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلمىغان. كىشىلەر يۇقۇملىنىشنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا كېسەل ئازابىنى تارتماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە لەنجۇ بىيو دورىگەرلىك زاۋۇتىنىڭ بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ۋاقتى ئۆتكەن دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلەتكەچكە، بىرۇتسېللا باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر باكتېرىيە نەپەسلىنىشى يولى ياكى شىللىق پەردىلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇققان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جەمئىي 203 كىشى يۇقۇملانغان. بۇ جەرياندا بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى بىر ئايغا يېقىن تارقىلىش ھالىتىدە تۇرغان.
خىتاي مالىيە خەۋەرلىرى تورى 14-سېنتەبىر بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لەنجۇ دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ساندىن ئون نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، لەنجۇ دائىرىلىرى يېقىن ئەتراپتىكى 20 مىڭ پۇقرانى تەكشۈرۈش ئارىلىق دەسلەپكى قەدەمدە 5000 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ بىرۇتسېللا باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان، گەنسۇ سەھىيە كومىتېتى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ رەسمىي يۇقۇملانغانلىقىنى بېكىتىپ چىققان.

بۇ خەۋەر 9360 قېتىم كۆرۈلدى
16/09/2020 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق