خىتاي يەنە پاكىتنى بۇرمىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي يەنە پاكىتنى بۇرمىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى
14-سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.
ئۇ باياناتىدا: «خىتايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 130 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) 24 مىڭ مەسچىت بار. ئامېرىكىدىكى مەسچىت سانىدىن 10 ھەسسە كۆپ. بۇ سېلىشتۇرما بويىچە بولغاندا، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانىدىن كۆپ. ئامېرىكا يۇقىرىقى پاكىتلارنى ئاڭلىماس بولۇۋېلىپ، خىتايغا تۆھمەت چاپلاپ، "دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇردى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى" دېگەن سۆزلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ (شەرقىي تۈركىستاننىڭ) كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارا چاپلاپ، سۆز-چۆچەك تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.
خىتاي باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى»دەپ سۈپەتلەپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2574 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2020 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق