جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

12-سېنتەبىر جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە قۇربان ھېيتلىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تونۇشتۇرۇلدى. 

پائالىيەتكە ئاۋسترالىيە ياشاۋاتقان پەلەستىن، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قاتناشتى. جەمئىيەت مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.

كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي سەرەمجان، تۇرالغۇ مەدەنىيىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، يەر كۆلىمى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قاتارلىقلار سۈرەتلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ پائالىيەت 12-، 13-سېنتەبىر ئىككى كۈن داۋاملاشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش جەھەتلەردە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەسلىدە مەزكۇر مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئاۋسترالىيە داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلمىگەن. يېقىنقى مەزگىللەردە ئاۋسترالىيەدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەتىرى يوقالغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت تولۇقلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 6683 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق