سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتتا تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىنغان قىز-ئاياللارنى شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش » نامى بىلەن باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللار شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئورۇن چوڭ بىر زال بولۇپ، زالغا پەقەت ئىككى قەۋەت تاختاي قويۇلغان. تاختاي ئۈستىگە بىر قات ئەدىيالدىن باشقا ھېچنەرسە سېلىنمىغان بولۇپ، قىز-ئاياللار شۇ تاختاي ئۈستىدە يېتىپ قوپىدىكەن. سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارمۇ بار بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ئىنسان تۇرۇشقا لايىق جاي ئەمەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، سۈرگۈن قىلىنغان بۇ ئاياللارنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى، ئەرلىرى خىتاي تەرىپىدىن تۈرمە ياكى لاگېرلارغا قامالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە ئاياللىرىنى يالغۇز سەپەرگە چىقارتماسلىقتەك ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2710 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق