خىتاي دائىرىلىرى 18-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاندا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى سىنىقى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر 18-سېنتەبىر دەل چۈش ۋاقتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە سىناق تەرىقىسىدە ھاۋا مۇداپىئە تېرېۋوگا سىگنالى سىناق قىلىنىدىكەن. ھاۋا مۇداپىئە تېرۋوگا سىگنالى ئالدىن سىگنال بېرىش، ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى ۋە بىكار قىلىش بولۇپ ئۈچكە بۆلۈنۈپ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا «ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھىرى» دەپ بېكىتكەن شەھەرلەر 17 بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، كۇيتۈن، قاراماي، غۇلجا، كورلا، تاشقورغان، قومۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، بۆرتالا، خوتەن، ئاتۇش، ئالتاي ۋە شىخۇ شەھىرى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2005-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى 18-سېنتەبىرنى ھاۋا مۇداپىئە تېرېۋوگا سىگنالى سىناق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن جايلىرىدا ئاۋاز ياڭراتقۇسى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل سىناقلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە قورقۇنچ سېلىش ۋە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 2744 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق