پۈتۈن دۇنيادىكى كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا رېكورت يارىتىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 13-سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيادا بىر كۈن ئىچىدىكى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 307 مىڭ 900گە يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلغان. ھازىرغىچە دۇنيادا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 28 مىليون 880 مىڭغا، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 920 مىڭغا يەتكەن.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھىندىستان بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە 94 مىڭ 300گە يۇقۇملانغان. بۇلاردىن قالسا ئامېرىكىدا بىر كۈن ئىچىدە 45 مىڭ 500 كىشى، بىرازىلىيەدە 43 مىڭ 700 كىشى يۇقۇملانغان.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتى سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، يىل ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋاكسىنا ياساپ چىقىلغان تەقدىردىمۇ، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ كېلەر يىلى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىلىق يۇقۇملۇق كېسەل مۇتەخەسسىسى ئانتونى فۇچى (Anthony Fauci) بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلىدا، ھەتتا كېلەر يىلى يىل ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن بۇرۇنقى نورمال ھاياتقا قايتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 7748 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2020 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق