يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئاياللار بۆلۈمى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئاياللار بۆلۈمى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
11-ئىيۇل يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئاياللار بۆلۈمىدىن بىر ھەيئەت نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، مالىيە مەسئۇلى ۋە يېتىملار خىزمەت گۇرۇپپىسى مەسئۇلى نۇربىيە خانىم، باش كاتىپ شەمشىنۇر خانىم ۋە مەمۇرىي خىزمەت ياردەمچىسى ئەلانۇر خانىملار قىزغىن كۈتۈۋالدى.
زىيارەتچى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى قوشۇمچە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بولۇپ، ئۇلار خانىم-قىزلار خىزمىتى، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك توسالغۇلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. شۇنداقلا يېڭىدىن پىلانلانغان ۋە قانات يايدۇرۇلۇش زۆرۈر بولغان خىزمەت تۈرلىرى ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش، كەسىپلەشكەن خىزمەت سەۋىيەسىگە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك دەرسلەرنى ئىگىلەش ۋە بۇ خىلدىكى تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى. ئاخىردا يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋەكىللىرى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىكى خانىملارغا گۈل ھەدىيە قىلدى.

بۇ خەۋەر 6557 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق