كۆك ئاي جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇردى

كۆك ئاي جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇردى

تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي جەمئىيىتى 10- سېنتەبىر ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا 770 كىشىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.

جەمئىيەت ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان « شۈكۈر فوندى » بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجلىق خەلقىمىزگە قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، كىر سوپۇنى، چاچ سوپۇنى، چىش چوتكىسى، چىش پاستىسى، تازىلىق قەغىزى، ماسكا، شېكەر ، تۇخۇم قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان 770 يېشىك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمىنى 770 ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى. ئۇندىن باشقا يەنە،  770 ئائىلىگە بىر خالتىدىن( 25 كىلو-گىراملىق ) ئۇن تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجى بار مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ھەمدە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى ئاكتىپ جانلاندۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 6520 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق