بىر تۈركۈم ياشلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

بىر تۈركۈم ياشلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئابدۇقەييۇم داموللام بىلەن بىر تۈركۈم ياشلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خالىسانە خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


جەمئىيەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرى سىرتتا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋەكىلى ئادىل مۇھەممەد ئوغلى كۈتۈۋالدى.
بۈگۈن يەنە ئاتامان كۆك يۇلتۇز تەنتەربىيە كۇلۇبى جەمئىيىتى رەئىسى ئەسەدۇللاھ مۇسا كۇلۇب ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جەمئىيەت ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى. مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەت داۋامىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كۇلۇبنىڭ ئەۋلادلارغا تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگىتىش، بۇ ساھەدە تەرەققىي قىلىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بارلىق ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن يەنە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىكى خانىم-قىزلار مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ خەلق ئۈچۈن قىلىۋاتقان خالىسانە خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

بۇ خەۋەر 6746 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق