شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ، 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2009-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەكىللىك زىيالىيلىرى، ئاكادېمىكلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە يىلدا بىر قېتىم دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىلىشىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە توختىلىپ، 12 يىل داۋاملاشقان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە، ئىدېئولوگىيە، بىرلىك، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تونۇش قاتارلىق ساھەلەردە جەمئىيەت ۋە خەلقئارادىكى تەشكىلاتلار ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يىغىن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك پىلانلىغان كۈندە ئۆتكۈزۈلمىگەن. بۇ قېتىم مائارىپ جەمئىيىتى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ساغلاملىق تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىش، ئادەم كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا كېڭىشىش ئارقىلىق 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلغان.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە بۇ قېتىملىق يىغىندا خۇلاسە چىقىرىش كېرەك بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي يول خەرىتىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت بىرلىكى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ماياك بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىندا 12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىنى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش، تازىلىق تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىش، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئازايتىش قاتارلىق قانۇنىي چەكلىمىلەر بىلەن 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئىككى كۈن ئېچىش قارار قىلىندى.

بۇ خەۋەر 6564 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2020 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق