خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سەۋەبسىز قاماپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامىي، مىللىي قىممەت قارىشىدىن ۋە ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى ئاتالمىش «كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا مەجبۇرىي چېقىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.
بۈگۈنكى سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان، يىپيېڭى ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن . ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىمۇ ئېچىۋەتكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان 310 مىڭغا يېقىن ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل يەنە داۋاملىق قۇرۇش تۈرىدە 788 ئولتۇراق رايون ۋە 116 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن 1090 ئولتۇراق رايون، 193 مىڭ 400 تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇپ چىقىش، ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىنى 6-ئايدىن بۇرۇن باشلاش پىلانلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چېقىپ ئۆزگەرتىشتە 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان. بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەرنى نۇقتىلىق قىلىپ، چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانلانغان.

- ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 2888 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2020 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق