يېڭىساردىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىندى

يېڭىساردىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىندى
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلارىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور كۈچ بىلە ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى بىلەن كورلىدىكى قارا شەھەر ناھىيەسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلغان. سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ سومكا، يۈك-تاقلىرىنى تەييارلىغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈرگۈن قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى، ئەرلىرى خىتاي تەرىپىدىن تۈرمە ياكى لاگېرلارغا قامالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە ئاياللىرىنى يالغۇز سەپەرگە چىقارتماسلىقتەك ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2257 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2020 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق