بىر تۈركۈم ياشلار مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

8-سېنتەبىر ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ياشلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ، زىيارەتتە بولدى. مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كۈتۈۋالدى.

ياشلار كېلىش مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىگە ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق رەھبەرلەرگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ھال سوراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياشلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتتە ئوقۇغانلىقىنى، كېيىن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمى بىلەن نوپۇس قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل كەسىپ ۋە تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇلار يەنە تۈركىيەدە ئۆزلىرىدەك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ ھەر خىل كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 20 دىن ئارتۇق ياشنىڭ بارلىقىنى، ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۈچ كىشىنىڭ ۋەكىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق ياشلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ياشلارنىڭ ۋەكىللىرىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار ۋە مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىزمەت ئەھۋالىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

سۆھبەتتىن كېيىن ياشلار ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە مائارىپ جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ھەدىيە قىلدى.

بۇ خەۋەر 6113 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2020 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق