ئۇيغۇرلار داۋاملىق سۈرگۈن قىلىنماقتا

ئۇيغۇرلار داۋاملىق سۈرگۈن قىلىنماقتا
8-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تۈركۈم ياشانغان ئەر-ئاياللارنىمۇ تەشكىللىك سۈرگۈن قىلغان.
يېقىندىن يىللاردىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە لاگېرنىڭ سىرتىدا قالغان ياشلارنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان خوتەن ۋوگزالىدا تارتىلغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلغان. سىندا كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇلار خۇددى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش سەپكە تىزىلغان. كەيپىياتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ خالىمىغان يەرگە مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار نورمال يولۇچىلارنى تەكشۈرىدىغان كىرىش ئېغىزىدا تۇرغۇزۇلمىغان. ئۇلارنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نورمال كىرىش ئېغىزىدىن ئۆتۈۋاتقان يولۇچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى ۋىلايىتىدە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر سىندا كۆپىنچىسى ياشانغان ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار چوڭ سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ، يىراق سەپەرگە مېڭىشقا تەييار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىمۇ سولغۇن، ئىنتايىن غەمكىن كۆرۈنگەن. بۇمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1855 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2020 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق